ساغلاملىق مەھسۇلاتى ، دورا ۋە يىشىل يىمەكلىك | نۇرقۇت | نۇرقۇت تور سودا ئۇچۇرلىرى ۋە ئۈگىنىش سەھنىسى

ساغلاملىق مەھسۇلاتى ، دورا ۋە يىشىل يىمەكلىك

مەنبە:تىۋىبە تورى  ۋاقىت:2019/02/19 22:49:12  ئاپتۇر:نۇرقۇت  كۆرلىشى:655 قىتىم

ساغلاملىق مەھسۇلاتى ، دورا ۋە يىشىل يىمەكلىك


 ئىقتىدارلىق يېمەكلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بىر ئالاھىدە يېمەكلىك مەھسۇلاتى . ئۇ ئۆزى ئورگانىزمنى تەڭشەش رولىغا ئىگە ،ئاساسلىق رولى بولسا بەزى ئالاھىدە كېسەللىك يۈز بېرىش ئالدىنى ئېلىش ياكى تەن ساپاسىنى ياخشىلاش ، لېكىن كېسەل داۋالاشنى مەقسەت قىلمايدۇ ، پەقەت بەلگىلىك قوشۇمچە رولىغا ئىگە . مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ ، ئادەتتە بەلگىلەنگەن ئىستېمال مىقدارى بار . پەقەت ئىچىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان مەھسۇلات ، ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ياكى ئىشلەتكەندىن كىيىن ھىچقانداق ئەكىس تەسىرى بولمايدىغان مەھسۇات . دېمەك، بەزى تەركىبىدە جۇڭيى دورىسى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى پەقەت ساقلىقنى ساقلاش بۇبۇملىرى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى توغرالمىلىرىنى دۆلەت تەستىقلىغان ئىشلىتىلىدۇ ، ھەممىسى دىگۈدەك يىشىل يىمەكلىك قاتارىغا كىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئىغىر كىسەللەرنى داۋالاش، ساقايتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولۇپمۇ دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ.

قانداق ئادەملەر ئىشتىمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

1. بەدەندىكى ئىنزىملار قالايمىقان بولىشىدىن كىلىپ چىققان ئۇششاق بىنورماللىق، مىسال : ھارغىن يۈرۈش، چاچ چۈشۈش، ئورۇقلاپ كىتىش قاتارلىق مۇشۇنىڭدەك مىجەز بوشاپ كەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان كىسەل.

2. ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى سەۋەپلىك كىلىپ چىققان بەدەن بىنورماللىقى، مىسال: بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسى تۇرمۇشىدا بىنورماللىق بولۇش. بەدەن ئاجىزلاش،قاتارلىقلار

3. ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بەدەن ئاجىزلىق، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار

دىققەت : يۇقارقى كىسەللىك ئالامەتلىرىنى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش كىرەك ، جىددى داۋالاشقا تىگىشلىك بولمىسا، ياكى سىزنىڭ كىسىلىزگە نىسپەتەن دورا ياكى غەرىپچە دورا يىشىشنى خالىمىغان ۋاقتىڭىزدا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىلىپ يىسىڭىز بولىدۇ.


دورا

ئالدىنى ئېلىشقا ، داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىدۇ، ئادەمنىڭ كېسەللىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى مەقسەتلىك تەڭشەيدىغان ھەمدە كېسەلگە ماس كېلىدىغان ياكى شىپالىق رولى ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى بەلگىلەنگەن ماددىنى كۆرسىتىدۇ . جۈملىدىن جۇڭيى ماتېرىياللىرى ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى توغرالمىلىرىنى ، تەييار جۇڭيى دورىلىرى، خىمىيىۋى خام ئەشيادىن ئىشلەنگەن دورا ۋە ئۇنىڭ ياسالمىسى ، ئانتىبىئوت، بىئوخىمىيىلىك دورىلار ، رادىئوئاكتىۋ دورىلار، قان زەردابى، ۋاكسىنا، قان ياسالمىسى ۋە دىياگنوز دورىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ

دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، بەزى دورىلارنى بىر قىتىملار ئىزتىمال قىلىدۇ، بەزى ئانتى بىئوكىت دورىلار ئادەم بەدىنىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچ پەقەت شۇ كىسەل ياخشىلانغان ھامان دورىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزى دورىلارنى ئىچكەندە غەيرى ئەھۋاللار كۆرۈلسە جىددى دوختۇرغا كۆرنىشى، دوختوردىن مەسلىھەت سورىشى كىرەك.

دىققەت دورىنى دوختۇرنى تاپشۇرۇقىسىز ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستىمال قىلىش كىرەك

تىۋىبە تورىدىن ئىلىندى، روخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ 



پىكرىم بار

نۇرقۇت تور سودا بلوگى   پىكرىم بار
Catfish(鲶鱼) Blog V 2.0.54